2-ئىيۇل كۈنى ئىراقنىڭ باغدات شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 125 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 150 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پاجىئەدىن كېيىن، 4-ئىيۇل كۈنى يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاندا 3 جايدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم بولدى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى ۋە تۈركىيە ت ر ت رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى مەدىنە شەھىرى، جىددە شەھىرى ۋە كاتىف شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن. مەدىنە شەھىرىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتى ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنى ئۈستىگە بومبا تېڭىۋالغان بىر كىشى ساقچىلار ئۇنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا پارتلاتقان. نەق مەيداندا بومبا پارتلاتقان كىشى بىلەن بىرلىكتە 4 ئامانلىق خادىمى ئۆلگەن، 5 كىشى يارىلانغان. ئوخشاش بىر كۈندە يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شىمالىدىكى كاتىف شەھىرىدىكى مىياس بازىرى ئەتراپىدىمۇ ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4-ئىيۇل يېرىم كېچىدە يەنە جىددە شەھىرىدىكى ئامېرىكا باش كونسۇلخانىسى ئەتراپىدىمۇ ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن.
تۈركىيە ت ر ت رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە، شاھىتلارنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، مەدىنە شەھىرىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا يارىلانغانلار ئارىسىدا تۈركىيە پۇقرالىرىمۇ بار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە بۇ قېتىمقى پارتلاشتىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
