تالىبانلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئافغانىستاندا قايتىدىن باش كۆتۈرىشىگە ئەگىشىپ، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ۋە كۆچمەنلىرىنىڭ «قوش ئەندىشە» ئىچىدە قېلىۋاتقانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن كۆپلەپ ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.
CNN ئاگېنتلىقىنىڭ 5-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى ئافغانىستاندا پاناھلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن. بۇ جەرياندا خىتاي بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان ھەمكارلىق تۈپەيلىدىن ئافغانىستاندىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قانداق ئەندىشىدە قېلىۋاتقانلىقى تېخىمۇ تەپلىسى مەلۇم بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇلار سۆھبەتلەشكەن تۇخان ئائىلىسى بۇنىڭدىن 45 يىل ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن يەركەن ناھىيەسىدىن قېچىپ چىققانلار بولۇپ، ئەمدىلىكتە تالىبانلار ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان «دوستلۇق» مۇناسىۋىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئىلگىرى بىز كۆپ جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدۇق. ئەمدى تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەر بېشىمىزغا كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا،» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە شىكايەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتنى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى شىكايەتلىرى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان. جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدىغان ئىسپاتلار بولمىغانلىقتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ قارارنى ئالغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنى باھانە قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تېرورلۇقنىڭ تەھدىتلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە،» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى «تېرورچى ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش» نى تەلەپ قىلسا «پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتايغا خوشامەت قىلىۋاتقان» تالىبانلار ھۆكۈمىتىنىڭ دەل مۇشۇ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپلا خىتايغا يوللاپ بېرىشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن ئىكەن. چۈنكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستانغا كەلگىنىگە يېرىم ئەسىر بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قولىدا تېخىچە پاسپورت يوق ئىكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندىن باشقا يەرگە كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
