4 دۆلەتنىڭ ئافغانىستان تىنچلىقى بويىچە كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان، پاكىستان، ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئىبارەت 4 دۆلەتنىڭ ئافغانىستان تىنچلىقى بويىچە كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتى بۈگۈن ئاخىرلاشقان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تالىبان تەرەپ تىنچلىق سۆھبىتىگە ۋەكىل ئەۋەتمىگەن. ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالاھۇددىن راببانى ئېچىلىش نۇتقىدا: «تالىبانلارنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن چاقىرىلغان بۇ سۆھبەت ئۈستىلىگە ۋەكىل ئەۋەتمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئافغان خەلقى نەزىرىدىكى ئوبرازىنى يەنىمۇ خۇنۈكلەشتۈرىدۇ، خالاس» دېگەن.

مەزكۇر سۆھبەتنىڭ ئەسلىدىكى دىپلوماتىك نىشانى ھازىرقى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ۋەكىللىرىنى بىۋاسىتە ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنى مۇرەسسەگە كەلتۈرۈش بولسىمۇ، ئەمما تالىبان تەرەپنىڭ ۋەكىل ئەۋەتمەسلىكى بىلەن مەزكۇر سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان چەتئەل ئارمىيىلىرى چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن، تالىبان كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمى كۈچەيگەن. نۆۋەتتە تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ئەمەلىي كونترول قىلىپ تۇرغان تېررىتورىيەسى 2001-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ دائىرىگە يەتكەن.