ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى خىتاي ھەققىدىكى 2016-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
328 بەتتىن تەركىب تاپقان بۇ دوكلاتتا خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى، دىنىي ۋە مىللىي ھوقۇقلار، ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋە كۆچۈش ھوقۇقى، مۇھىت مەسىلىسى ۋە ئادەم قاچاقچىلىقىغا ئوخشاش كۆپ ساھەلەرگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر يورۇتۇپ بېرىلگەن. دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگىمۇ ئايرىم بىر بابتا يەر بېرىلگەن.
دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدىكى ئومۇمىي باياندىن مەلۇم بولۇشىچە، كومىتېت شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان خىتاينىڭ تېخىمۇ قاتتىق قول ۋە خەلقئارا قانۇنلارنى تېخىمۇ مەنسىتمەيدىغان بوپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق قەيت قىلغان.
ئۇنىڭدا ئەسكەرتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ۋەزىيىتى ئىلگىرىلەپ چېكىنگەن، مۇستەقىل ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، تىنچلىقپەرۋەر پىكىر لەرنى، دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش كۈچەيگەن، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە ئىشچىلار ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى ئىلگىرىلەپ تەقىبگە ئېلىنغان. ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە مىسلىسىز بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان.
دوكلاتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىشقا، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى، ئۆكتىچى زاتلارنى قوللاپ، ئۇلار بىلەن بىر سەپتە بولۇشقا دەۋەت قىلىنغان ۋە بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. بىز بۇ دوكلات ھەققىدىكى تەپسىلىي خەۋەرنى كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا ئاڭلىتىمىز.
