ئامېرىكا ۋە ھىندونېزىيە قىسىملىرى باشقا سەككىز دۆلەتتىن كەلگەن ئەسكەرلەر بىلەن  خىتايغا قارشى مانېۋىر باشلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.08.30

ھىندونېزىيە ۋە ئامېرىكا قىسىملىرى باشقا سەككىز دۆلەتتىن كەلگەن ئەسكەرلەر بىلەن بىللە جاۋا ئارىلىدا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى گارۇدا قالقىنى ھەربىي مانېۋىرىغا قاتناشقان. ئامېرىكا بۇ مانېۋىر ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى چەكلەپ ۋە  ھىندونېزىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مانېۋىرغا 10 دۆلەتتىن كەلگەن 5500 ئەسكەر قاتناشقان، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى باشقا 12 دۆلەت  مانېۋىرغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتكەن. 2006-يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى گارۇدا قالقىنى ھەربىي مانېۋىرى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئوپېراتسىيەسى، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش، ئىنژېنېرلىق ۋە يۈك يەتكۈزۈشتىكى مەشىقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانېۋىرغا ئامېرىكا، ھىندونېزىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، فىرانسىيە، ياپونىيە، سىنگاپور، كورېيە، ئەنگلىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىن كەلگەن ئەسكەرلەر قاتناشقان.. 

خىتاينىڭ پۈتكۈل رايوندىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن ھىندونېزىيە 2023-يىلى نويابىردا يېڭى مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېگەن: «دەرىجىدىن تاشقىرى گارۇدا قالقىنى ‹ئامېرىكا-ھىندونېزىيە ئاساسلىق مۇداپىئە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئەركىن ھىندى-تىنچ ئوكياننى قوللاش› قا ياردەم بېرىدۇ».»

ھىندونېزىيە دۆلەتلىك قوراللىق قىسىملارنى تەربىيەلەش، مەشىق قىلدۇرۇش قوماندانلىق  ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، ھاۋا ئارمىيەسى مارشالى ۋىديارگو ئىكوپۇترا مۇنداق دېگەن: «2024-يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى گارۇدا قالقىنى ھەربىي ساھەدە ئۆزئارا ئىشەنچ ئورنىتىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىككى تەرەپلىك ھەربىي مۇناسىۋەت ۋە كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ ۋاسىتىسى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.