كەسكىن رىقابەت ئىچىدە داۋام قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى بۈگۈن ئەتىگەن ھەيران قالارلىق نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. سايلامدا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە نامزاتى دونالد ترامپ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى.
سايلام ئالدىدىكى راي سىناشلاردا ھىلاري كلىنتوننىڭ سايلىنىش ئېھتىماللىقى ئىشارەتلەنگەن ئىدى. سايلام نەتىجىسى ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن ھىلاري كلىنتون سايلام غالىبى دونالد ترامپنى تەبرىكلىدى.
سايلامنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئۆزى ۋە تەرەپدارلىرى ئۈچۈن ئاچچىق بىر نەتىجە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ھىلاري خانىم، دېموكراتىك سايلامنىڭ نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە دونالد ترامپنى پرېزىدېنت سۈپىتىدە ھۆرمەتلەپلا قالماستىن،بەلكى قەدىرلەيدىغان ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ زەپەر نۇتقىدا ئالدى بىلەن ھىلاري كلىنتوننىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە ئېھتىياجى بارلىقىنى تىلغا ئالغان دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ بارلىق ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ۋە نەزەردىن ساقىت قىلىنغانلار بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. سايلام داۋامىدا دونالد ترامپنىڭ سايلانماسلىقى ئۈچۈن خانىمى بىرلىكتە تەشۋىقات ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان پرېزىدېنت ئوباما سايلامدىن كېيىن دونالد ترامپنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇنى ئاقسارايغا دەۋەت قىلدى.
ئوباما بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە خاسلىقى دەپ شەرھلىدى.