ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنى ئاقسارايغا جەم قىلماقچى
2022.05.03
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 2-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تىنچ ئوكيان بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بايدىن ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى ئاقسارايغا جەم قىلىپ، بىر قېتىملىق ھەمكارلىق مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزىدىكەن. ئاقساراينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملاردىن كۇرت كامپبېل (Kurt Campbell) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يىغىلىش ئارقىلىق تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى سەۋىيىگە كۆتۈرمەكچى،» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تىنچ ئوكيان مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بەكمۇ زور قىممەتكە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە بولۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ رايونغا دائىر تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ ھەل قىلىشقا تەرەددۇت قىلماقتا ئىكەن. بۇ مەسىلە ھەققىدە ئامېرىكا ھازىر يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورناتماقتا ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىنى تالىشىىش غەلۋىسى ئېشىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇلار ئالىقاچان بەزى ئەمەلىي قەدەملەرنى ئالغان. شۇنىڭدەك ھەربىي بازىلارنى قۇرۇش ۋە ئىجارىگە ئېلىشتا ئاكتىپ پائالىيەت قىلماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە بىر قىسىم ئانالىزچىلار ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە يارىشا ھەربىي تەييارلىقتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىمۇ بەزى تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.