ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 29-مارت كۈنى رادىيومىزغا مەخسۇس يازما بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىغا بارىدىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى مەزكۇر رايوندىكى پەۋقۇلئاددە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە ئاگاھلاندۇرغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا گىراژدانى بولغان ھەرقانداق كىشىنى خىتايغا بارماقچى بولسا ئامېرىكا پاسپورتىغا قانۇنلۇق خىتاي ۋىزىسى قويدۇرۇپ، خىتايغا كىرىشكە چاقىرىدىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر باياناتى مۇخبىرىمىزنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ ئانىسى بىلەن 2017-يىلى 3-ئايدا خىتايغا قايتىپ، غۇلجادا توسۇلۇپ قالغانلىقىغا دائىر سوئالىمىزغا قارىتا بەرگەن جاۋابىدا تەكىتلەنگەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن، جۈملىدىن ئۇلارنى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش، يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەش، خىتاي كادىرلىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنى ئىپادىلەشنى كونترول قىلىش، چەتئەلدىكىلەرنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش قىلمىشلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدۇ».
باياناتتا يەنە، ئامېرىكانىڭ چەتئەلدىكى ئامېرىكا گىراژدانلىرىغا ئېھتىياجلىق كونسۇللۇق ياردىمى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكى، لېكىن خىتاينىڭ قوش گىراژدانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ دېگەنلىك خىتاي بەزى ھادىسىلەردە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇللۇق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى توسۇشى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا-خىتاي قوش گىراژدانلىرىغا ۋە خىتايغا باغلىنىشلىق ئامېرىكا گىراژدانلىرىغا تېخىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئامېرىكا گىراژدانلىرىنىڭ خىتايغا ئامېرىكا پاسپورتى بىلەن ئىناۋەتلىك خىتاي ۋىزىسى قويدۇرۇپ كىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېيىلگەن.
باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەرقانداق بىر ئامېرىكا گىراژدانىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىيەلمىگەن. بۇنى ئالدى بىلەن ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا گىراژدانى ياكى يېشىل كارتىلىق «بىر قانچە» كىشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
