ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك باش مەسلىھەتچىسى جەك سوللىۋان بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ 26 ۋە 27-يانۋار كۈنلىرى تايلاند پايتەختى باڭكوكتىكى ئۇچرىشىشىدا، تەرەپلەر قىزىل دېڭىز قاتنىشىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش مەسىلىسىدە كېلىشەلمىگەن.
«پولىتىكو» يەنى «سىياسەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتە ئامېرىكا تەرەپ يەمەنلىك خۇسى ھەرىكەتچىلىرىنىڭ قىزىل دېڭىزدا سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى توختىتىشى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقىنى ئېيتقان. سۆھبەتتە جەك سوللىۋان ئامېرىكانىڭ ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تەرەپ يەمەنلىك خۇسىلارنى قوللاۋاتقان ئىرانغا كۈچلۈك ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىغا ھېچقانداق بېشارەتتە بولمىغان. خىتاي ئىلگىرى يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىگە تەھدىت سېلىۋاتقان يەمەنلىك خۇسىلارنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خۇسىلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسلىق كۈچ بولغان ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىشىدىن قېچىشى دىققەت قوزغىماقتا.
«سىياسەت» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى 27-يانۋار مۇخبىرلارغا، سۆھبەتتە «بېيجىڭنىڭ بۇ ئىشنى ئىرانغا ئېيتقانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ «بۇ ئىشقا ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى قانچىلىك ئەمىلى رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا قاراپ باھا بېرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى، «ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتە…. بىزنىڭ ئەمىلى مەسىلىلەرگە چوڭقۇرلاپ كىرىش، مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۆنىلىشى، ئىككى دۆلەت دۇچ كەلگەن ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە ئىستراتېگىيەلىك ۋە چوڭقۇر مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىش مۈمكىنچىلىكىمىز بولدى» دېگەن. لېكىن خىتاي تەرەپنىڭ سۆھبەت ھەققىدىكى باياناتىدا تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىشى،
ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئوتتۇرا-شەرق، شىمالىي كورېيە، جەنۇبىي دېڭىز ۋە بىرما مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يەر شارى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر» نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى دىققەت قوزغىماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «دائىملىق ئالاقە» نى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە خۇسۇسەن ئىككىيلەننىڭ «كېلەركى ئايلارنىڭ بىرىدە» تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىگە كېلىشكەن.