خىتاي ساقچىلىرى ئامېرىكانىڭ 7 شىركىتىگە باستۇرۇپ كىرىپ، خىزمەتچىلىرىنى جاسۇس دەپ قولغا ئالغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىل ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدىكى 7 شىركىتىگە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ، شىركەتنىڭ بەزى خىزمەتچىلىرىنى «جاسۇسلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان. ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكۇلاس بۇرنىس (Nicholas Burns) 25-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا «كولومبىيە رادىيوسى» (CBS) غا بەرگەن زىيارىتىدە بۇنى ئاشكارىلىغان.

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا» (Daily Mail) گېزىتى 26-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان بۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نىكۇلاس بۇرنىس خىتاينىڭ بىر ياقتىن چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىۋاتسىمۇ، يەنە بىر بىر ياقتىن چەت ئەل كارخانىلىرىغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇ قاتاردا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭمۇ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا تىجارەت قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئۆتكەن يىل 3-ئايدىن باشلاپ 7 ئامېرىكا شىركىتىگە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇلارنى تاقاپ قويدى ھەمدە ئىنتايىن قاملاشمىغان ئەيىبلەشلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى بىر نەچچە ئامېرىكا شىركەتلىرىگە مۇداخىلە يۈرگۈزگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققان بولسىمۇ، نىكۇلاس بۇرنىس ئاشكارىلىغان بۇ سان ئالاھىدە كۆپ ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي 2023-يىل 7-ئايدىن باشلاپ، «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى كۈچەيتكەن بولۇپ، «خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ئۇچۇرنى چەكلەش» دېگەن ماددىنى قوشۇپ، جاسۇسلۇققا قارشى ھەرىكەتنىڭ ئېنىقلىمىسىنى كېڭەيتكەن. بۇنىڭدىن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى شىركەتلىرى غايەت زور بېسىم ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان.