ئامېرىكا خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرىنى كۆپەيتىدىكەن

ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىس پېين جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشنى كۆزلىمەكتە ئىكەن. پېين ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىنىڭ 27 پىرسەنت كۆپەيتىلىپ، 1587 گە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا 2011‏-يىلدىن باشلاپ ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا قوشنا مەزكۇر رايونىدا قوشۇن تۇرغۇزۇشقا باشلىغان ئىدى.

مارىس پېيننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى كۆپەيتىلگەن ئەسكەرلەر 6 ئاي ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىدىكەن. مارىس پېين، «ئامېرىكا ئارمىيەسى پۈتكۈل ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ،» دېگەن. خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ رايوندىكى بەزى ئاراللاردا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قۇرغان. بۇ ئامېرىكا ئاۋسترالىيە ۋە بۇ رايوندىكى ۋىيېتنام، فىلىپپىن، مالايسىيا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىققىتى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى يەنە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇرۇش پاراخوتى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ياسىغان بىر سۈنئىي ئارىلىغا 12 دېڭىز مىلى يېقىنلاشقان. بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى جۈمە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ سپراتلىي تاقىم ئاراللىرىغا قاراشلىق مىسچېف ئارىلىغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئارىلىغا يېقىنلىشىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ قىممىتى 60 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.