19 ياشلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى پەزىلەت ئەكبەرگە كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن

بۈگۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رۇس تىلى سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پەزىلەت ئەكبەرنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 4 ‏-ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، جازانى 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2010.12.28

ئىنكاستا بىلدۈرۈلۈشىچە پەزىلەت ئەكبەر، 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن 2 ئاي كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 4 ‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مەخپىي سوتتا، قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، پەزىلەت ئەكبەر ئەسلىدە قورغاس ناھىيىسىنىڭ سۈيدۈڭ بازىرىدىن بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رۇس تىلى سىنىپىنى 3 يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبى بىلەن ئوقۇشىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان ۋە دۆڭكۆۋرۈكتىكى خەلقئارالىق چوڭ بازاردا بىر خىتاي تىجارەتچىنىڭ دۇكىنىدا تەرجىمان ھەم مال ساتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.

ئۇ 5 ‏-ئىيۇل كۈنى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە نامايىشقا قاتناشقان. ئىنكاستا بىلدۈرۈلۈشىچە، پەزىلەت ئەكبەرنىڭ دادىسى ئۇ سوتلىنىشتىن 2 كۈن بۇرۇن، ئۇنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غالىبىيەت يولى ساقچىلىرى پەزىلەتنىڭ دادىسىنى پەزىلەت بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن ۋە ئۈرۈمچىدىن كېتىشكە بۇيرۇغان. پەزىلەتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ سوتلانغانلىق خەۋىرىنى سوتتىن كېيىن ئۇققان.

رادىئومىزغا يوللانغان ئىنكاستا، پەزىلەت ئەكبەرنىڭ سوت كۈنى كونكرېت قانداق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. پەزىلەت ئەكبەرنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن بىرىنىڭ مۇخبىرىمىزغا بايان قىلىشىچە، پەزىلەت ئەكبەرنىڭ بوۋىسى، 1944 ‏-يىلىدىكى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدا پارتلىغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان غازىلاردىن بىرىدۇر.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇر قاناللىرى ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، پەزىلەت ئەكبەر نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. ئەمما پەزىلەت ئەكبەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى ھازىرغا قەدەر تۈرمىگە بېرىپ يوقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن ياكى ئېرىشەلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.