ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋارېن: ئامېرىكا خىتاينىڭ ئامېرىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىشىدىن ئويغاندى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى ئېلزابېت ۋارېن، ئامېرىكىنىڭ يىللاردىن بېرى خىتايغا قارىتا خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، بىراق ھازىر ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىشىدىن ئويغانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېلزابېت خانىم بۇ سۆزلەرنى شەنبە كۈنى خىتايدا مۇخبىرلارغا تەكىتلىگەن. ئۇ، ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ خىتايدا زىيارەتتە بولغان.

ئېلزابېت ۋارېن 3 كۈنلۈك زىيارىتىدە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې، دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې قاتارلىق شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، شىمالىي كورېىيە مەسىلىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئىختىلاپى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېلىزابېت ۋارېن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يەنە: «ئەگەر ئۇ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمىسا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ خىتاي بىلەن تېخىمۇ كەڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى قوللىمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي بىلەن ئىقتىسادى ھەمكارلىق كۈچەيسە، بۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، دېگەن خاتا تونۇش دەۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىنگەنلىكى، بىراق ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئويغانغانلىقىنى تەكىتلەپ، «پۈتۈن سىياسەت خاتا يولغا باشلاندى. بىز پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىغان ھېكايىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى خۇشال قىلىپ كەلدۇق» دېگەن.

ئېلزابېت ۋارېن پرېزىدېنت ترامپنى ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى. لېكىن شەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا باج قويغانلىقىدىن ئەندىشە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېلزابېت ۋارېننىڭ زىيارىتى پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ 60 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا باج قويۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى سىستېمىلىق سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى جازالىغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى.