ئامېرىكا خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.05.31

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى 2012‏-يىللىق خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دوكلاتى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نۇقتىلىق شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى كوزىر قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي 2001‏-يىلى «11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، 2012‏-يىلى ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئاساسەن ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ باقمىغان بولسىمۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى بولۇپمۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتكەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دۆلەتكە ئاساسلىق خەۋپ تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي رادىكاللىقتىن ئىبارەت ئاتالمىش «3 خىل كۈچلەر» دىن كېلىدۇ، دەپ جاكارلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېررورلۇق، دەپ سۈرەتلەپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2002-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى گۇمانلىق تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بىراق، 2012‏-يىلى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.