خىتاينىڭ ئىلغار مىكرو ئۆزەك ماشىنىسى سېتىۋېلىش پىلانى ئامېرىكانىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گوللاندىيەنىڭ ئىلغار مىكرو يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ماشىنىسىنىڭ خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيەنىڭ «ASML» ناملىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى دۇنيا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائ‍ىتىدىكى ئىلغار مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ ياساشتا كەم بولسا بولمايدىغان «دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلترا بىنەپشە تاش مەتبەئە سىستېمىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ماشىنىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىردىنبىر شىركەت ئىكەن.

180 توننىلىق بۇ ماشىنا دۇنياغا داڭلىق «ئىنتېل» شىركىتى كورىيەنىڭ «سامسۇڭ» ئېلېكترون شىركىتى ۋە «ئالما» شىركىتىنىڭ مال تەمىنلىگۈچىسى «تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى» قاتارلىق شىركەتلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىكەن.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گوللاندىيە دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، مەزكۇر ئۈسكۈنىنى خىتايغا سېتىپ بېرىشكە قىستىغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى «خۇاۋېي» قاتارلىق خىتاي ئىچىدىكى ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتە چەتئەل شىركەتلىرىگە تايىنىپ قېلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بۇ ئۈسكۈنىگە ئېرىشىنى بەكمۇ خالايدىكەن.

ئەمما، گوللاندىيە ئامېرىكانىڭ بېسىمى بىلەن خىتايغا مىكرو يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ماشىنىسىدىن بىرنىمۇ ئەۋەتمىگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئىشتىن خەۋەردار بىر ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بايدېن ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكى ئەندىشىسى سەۋەبلىك گوللاندىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا بۇ ئۈسكۈنىنى سېتىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك قىممىتىنى ئەڭ دەسلەپ ترامپ ھۆكۈمىتى ئېنىقلىغان ۋە گوللاندىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن ئىكەن.

ترامپ ۋە بايدېن ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ «خۇاۋېي» شىركىتى قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم خاراكتېرلىك تەقىبلەش ھەرىكىتىدىكى رولى سەۋەبلىك قارا تىزىملىككە ئالغان ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر شىركەتلەرگە ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى سېتىپ بېرىشى چەكلىگەن.

ۋاشىنگتون دائىرىلىرى يەنە «خۇاۋېيغا» ئوخشاش خىتاي شىركەتلىرىنىڭ جاسۇسلۇق ئەندىشىسى سەۋەبىدىن، باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنى «خۇاۋېي» ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەشكە قايىل قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ «ۋال سترېت ژۇرنىلى» غا ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھازىر غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى بىر يەرگە توپلاپ، خىتايغا قارىتىلغان ئېكسپورتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىكەن.