ئامېرىكا يادرولۇق سۇ ئاستى كېمىسىنى خىتايغا يېقىن جايغا يۆتكەيدىكەن

«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» تورىنىڭ 1-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز رايونلىرىدا كۈچەيتىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يادرولۇق سۇ ئاستى كېمىسىنى خىتايغا يېقىن جايغا يۆتكەشنى قارار قىلغان.

ئامېرىكا 2024-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ يادرو بومبىلىق سۇ ئاستى كېمىسىنى ھاۋاي ئارىلى پورتىدىن گۇئام پورتىغا يۆتكەشنى پىلانلىغان. گۇئام ئارىلى شىمالدا ياپونىيە بىلەن جەنۇبتا يېڭى گېۋىنىيە ئارىسىغا جايلاشقان تاقىم ئاراللىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ يەرگە يادرولۇق سۇ ئاستى كېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ياپونىيە، تەيۋەن ۋە فىلىپپىننى خىتاينىڭ تەھدىتلىرىدىن قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھازىر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئەڭ چوڭ ھەربىي ھازىرلىق ھالىتىگە كىرگەن دۆلەتكە ئايلاندى؛ ئۇلارنىڭ قىسىملىرى گۇئام ئارىلى ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلماقتا؛ يېقىنقى ھەرىكىتى ئالدىنقى قېتىمقىدىن ئېشىپ كەتتى. ئالدىنقى ئايدا ئۇلارنىڭ 4 كېمە ئەترىتى ۋە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلاشقان بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى ئالىياسكاغا يېقىن بېرىڭ دېڭىزىغا ئۇلاشتى».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئېغىرلىقى 7800 توننا، ئۇزۇنلۇقى 377 ئىنگىلىز چىسى (تەخمىنەن 115 مېتىر) كېلىدىغان بۇ يادرولۇق سۇ ئاستى كېمىسىنى ئاسراپ-تۈزەپ بولغاندىن كېيىن 6-ئايدىن باشلاپ دېڭىزدا سىناق قىلىپ ماڭدۇرىدىكەن. بۇ كېمىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇپ، دېڭىز بويىدا ھەرىكەت قىلىش، سۇ ئاستى ۋە سۇ ئۈستى زەربىنى توسۇش، دۈشمەنگە زەربە بېرىش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، نازارەت قىلىش ۋە چارلاش ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىيەلەيدىكەن. .