ئامېرىكا خىتاي سەۋەبلىك «ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللار كېلىشىمى» دىن چېكىنىپ چىققان

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2‏-ئاۋغۇست كۈنى 1980‏-يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىمزالىغان «ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللا كېلىشىمى» دىن رەسمىي چېكىنىپ چىققان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار مەزكۇر كېلىشىمنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ قولىنى باغلاپ قويغانلىقى، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو جۈمە كۈنى تىۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا ئامېرىكانىڭ بۇ يىل 2‏-فېۋرال كۈنى رۇسىيەگە «ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللار كېلىشىمى» گە ئەمەل قىلىش ھەققىدە 6 ئايلىق سۈرۈك بەرگەن بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پومپېيو: «شۇڭا بۇ كېلىشىم بۈگۈن رەسمىي بىكار قىلىندى. باشقىلار بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئامېرىكا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش تەرەپدارى بولمايدۇ» دېگەن.

لېكىن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رۇسىيە ئامېرىكانىڭ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشىدىكى بىردىن بىر ئامال ئەمەس ئىكەن. خەۋەردە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينى پرېزىدېنت ترامپنىڭ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشىدىكى يەنە بىر ئامىل دەپ كۆرسەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا بۇ يىل ياز ئاخىرلىرىدا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. خەۋەردە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ خىتايغا قارىتىلىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.

1987‏-يىلى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللار كېلىشىمى» ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ كېلىشىم ئەينى ۋاقىتتا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ ھەر خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە پرېزىدېنت ترامپ رۇسىيە بىلەن خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كېلىشىم تۈزۈش تەرەپدارى بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇنى رەت قىلماقتا ئىكەن.