ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى باشلىغان.
NBC (ئامېرىكا رادىيو شىركىتى) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلوسىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلغىنىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋىتىنى، كىلىمات ئۆزگىرىشى سۆھبىتىنى، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە خەلقئارا جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەمكارلىقىنى توختىتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا نەنسىي پېلوسى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئېمبارگو قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نەنسىي پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن خىتاي ئارمىيەسى ھۇجۇمچى ئايروپىلان ۋە پاراخوتلىرىنى تەيۋەن ئارىلىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، كۈچ كۆرسىتىش مانېۋىرى ئېلىپ بارغان ھەمدە يېڭى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇنى ئەيىبلەپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى نەنسىي پېلوسىنىڭ زىيارىتىنى باھانە قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
رادىيومىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يەنە دىپلوماتىيە ساھەسىدىمۇ تەيۋەنگە بېسىم قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تەيۋەننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى بۇ پارتىيەنىڭ تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىش تەرەپدارلىرىنى كۆپەيتىۋەتكەنلىكىنى، تەيۋەننى ئىگىلەپ خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن تەيۋەنلىكلەرگە «قايتا تەربىيەلەش» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فىرانسىيەگە كۆچمەن بولغان قازاق مۇخبىر مىربەك بۇنىڭغا باھا بېرىپ: «خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدا قۇرغان قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى تەيۋەنگىمۇ كۆچۈرۈپ ئاپارماقچى. ئەگەر دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينى چەكلىمىسە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ باستۇرۇش ئۇسۇلىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېكسپورت قىلىدۇ» دېگەن.
