شى جىنپىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بىلەن ئۇچراشقان

ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان (Jake Sullivan) 27-ئاۋغۇست كۈنى خىتايغا يېتىپ بېرىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى توغرا ئىدارە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئۇچرىشىشىنى باشلىۋەتكەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ زىيارەت جەريانىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ جەيك سۇللىۋاننى تۇيۇقسىز كۈتۈۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ جەيك سۇللىۋاننى خەلق سارىيىدا كۈتۈۋالغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭغا «ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى ئىجابىي ھالەتتە كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىپ، ھەمكارلاشقان ئاساستا توغرا يول تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.

خىتاي خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ سۇللىۋانغا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ۋە ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ، خەلق ۋە دۇنياغا مەسئۇلىيەتچان بولۇشى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مۇقىملىقنىڭ مەنبەسى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇشى كېرەك».

ئاقساراينىڭ بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تارقاتقان يازما باياناتىدا، جەيك سۇللىۋاننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا ئىككى تەرەپنىڭ خەۋپسىزلىك سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مەسىلىسىدىن سىرت يەنە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ھەربىي ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە سۈنئىي ئەقىل بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

29-ئاۋغۇست كۈنى سۇللىۋان يەنە، خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گېنېرال جاڭ يوشىيا بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكى مەلۇم. جەيك سوللىۋان سۆزىدە، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئارىدىكى رىقابەتنىڭ توقۇنۇش ياكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا بۇ يىغىنلارنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ دېيىشىچە، ۋاڭ يى بىلەن جەيك سۇللىۋان ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان تېلېفون سۆھبىتى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كېلىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ۋاقتى تېخى ئېنىق بېكىتىلمىگەن ئىكەن.