ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.20

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گاري لوك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىرچە ئۇنىڭ نېمە سەۋەبلەردىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئۇ كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئۇنىڭ ئىستېپانامىسىگە ئىمزا قويغان.

بۇ يىل 63 ياشقا كېكىرگەن گاري لوك ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن خىتاي كىشى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ۋاشىنگتون شتاتىغا ئىككى قېتىم باشلىق بولغان ۋە ئامېرىكا سودا مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىمىگەن بولسىمۇ، بىر نەچچە قېتىملىق باياناتىدا خىتاينى ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان ۋە ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گاري لوك باش ئەلچى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە خىتاي-ئامېرىكا سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بولغان، ئامېرىكا خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلات مىقدارى كۆپەيگەن. خىتايدىن ئامېرىكىغا كېلىدىغانلارنىڭ سودا ۋە ساياھەت ۋىزىسىنى تەستىقلاش ۋاقتى بۇرۇنقى بىر نەچچە ئايدىن ھازىرقى تۆت-بەش كۈنگە قىسقارتىلغان.

گاري لوك خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا تۇنجى قېتىم تەيىنلەنگەن خىتاي مىللىتىدىن بولغان باش ئەلچى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.