ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايغا كىرىش ھارپىسىدا قىلغان بىر قاتار سۆزلىرى خىتاينىڭ قاتتىق ئوغىسىنى قايناتماقتىكەن.
بۈگۈن دۇنياۋى چوڭ تاراتقۇلاردىن ب ب س، س ن ن ۋە رويتېرس ئاگېنتلىقلىرى ئارقا-ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا كەلگۈسىدە «بىر جۇڭگو سىياسىتى» بىلەن چۈشۈلۈپ قالسا بولمايدۇ، دېگەن سۆزىنى باش ماۋزۇلۇق خەۋەر قىلىپ تارقاتتى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى دونالد ترامپ بىر تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە مۇنداق دېگەن: «مەن تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى چۈشىنىمەن. ئەمما ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە داۋاملىق تۈردە ‹بىر جۇڭگو سىياسىتى› گە چۈشۈلۈپ قېلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ ئويلايمەن.»
ترامپنىڭ بۇ سۆزى ئاخباراتقا چىقىشى بىلەن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم نېرۋىسى ئۆرلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۋاڭ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ: «‹بىر جۇڭگو سىياسىتى› بىزنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ئاساسى،» دېگەن.
«خەلق گېزىتى» نىڭ خەلقئارا مۇنبىرى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ، دونالد ترامپنى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە «خۇددى كىچىك بالىلاردەك پەرۋاسىز ھەم بىلىمى كەمچىل» دەپ ئەيىبلىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ دونالد ترامپنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان ئۈچىنچى قېتىم خىتاينىڭ يارىسىغا تۇز سېپىشى ئىكەن.
