ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاۋىئاماتكا ھۇجۇم گۇرۇپپىسى جەنۇبىي دېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.07.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«سودا ئىچكى خەۋەرلىرى تورى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاۋىئاماتكا ھۇجۇم گۇرۇپپىسى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان سۇ يولىدا ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىككى قېتىم ھەمكارلىشىپ مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

مانېۋىر ئامېرىكىنىڭ 4-ئىيۇل مۇستەقىللىق كۈنى ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، مانېۋىرغا ئامېرىكىنىڭ USS Nimitz ۋە USS Ronald Reagan ھۇجۇم گۇرۇپپىلىرى قاتناشقان. بۇ ئۆتكەن 6 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا ھۇجۇم گۇرۇپپىلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىپ مانېۋىر ئېلىپ بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن. 

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا بۇ ئىككى ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن. 

نىمىتز ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنىڭ قوماندانى ئادمېرال جىم كىرك مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا ھىندى-تىچ ئوكياننىڭ ئوچۇق ۋە ئەركىنلىكى، مىزانلارغا تايانغان خەلقئارا تەرتىپ، مەزكۇر رايوندىكى ئىتتىپاقداش ۋە شېرىكلىرىمىزگە بولغان ئەقىدىمىزنى قايتا كۈچەيتىش ئۈچۈن نىمىتز ۋە رېگان ئاۋىئاماتكا ھۇجۇم گۇرۇپپىمىز جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.»

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر مانېۋىر نۆۋەتتىكى ئېقىم مەسىلىلىرى بىلەن ھېچ مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مانېۋىر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيچىلىك يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلگە توغرا كەلگەنگە. 

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا «كۈچ كۆرسىتىپ بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. 

ئەمما شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكانىڭ مەزكۇر ھۇجۇم گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئۇسس رالف جونسون ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى خىتاينىڭ چەكلىمىلىرىگە رىقابەت ئېلان قىلىپ سپراتېل تاقىم ئاراللىرى تەۋەسىدىن ئۆتكەن. 

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى يەر ئىگىلەش ھەرىكىتىنى رەسمىي يوسۇندا رەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مىقياسىدىكى بايلىق مەنبەلىرىنى ئۆزىنىڭ دەپ ئېلان قىلىشى ۋە ئۇلارنى زورلۇق-زومبۇلۇق بىلەن كونترول قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي قانۇنسىز. 21-ئەسىردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۈشەندەسىمان دۇنيا قارىشىغا ئورۇن يوق.» 

خىتاي ھۆكۈمىتى پومپېيونىڭ باياناتىنى «مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ ئاتىغان ئىدى. 

خىتاي ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدا ئاز دېگەندە 7 سۈنئىي ئارال ياسىغان ۋە بۇ ئاراللارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ ھالدا ھەربىيلەشتۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.