ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەت كەسكىنلەشمەكتە

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە جەنۇبىي دېڭىزدا يۈز بەرگەن ھەربىي پاراخوت ۋەقەسى سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەت يەنىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن، يەنى 3-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر پاراخوتى بىلەن خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ «خەتەرلىك ئۇچرىشىشى» يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا ئۆز ئالدىغا بەلگىلىۋالغان دائىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن خىتاينىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى 41 مېتىر دائىرە ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتىغا يېقىنلىشىپ، ئۇنى دەرھال بەلگىلەنگەن دائىرىدىن چىقىپ كېتىشكە زورلىغان.

بۇ ھادىسىگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتى ئانالىزچىسى تىموسىي خىس ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ قېتىمقى ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ئىككى دۆلەت ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن دائىرىدىكى دوقۇرۇشۇپ قېلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دوقۇرۇشۇش ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا يەنە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭمۇ كەلگۈسىدە ئامېرىكىنى جەنۇبىي دېڭىز ئارقىلىق سىنىشىدا بەلگىلىك تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. »

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئارمىيەلىرى 2014-يىلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئالدىن پىلانلانمىغان دېڭىز ئۇچرىشىشلىرى نىزامىنى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى ئارىسىدا تاسادىپىي سەۋەنلىك كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتۈمى ماقۇللانغان ئىكەن. ئەمما بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى ياكى خىتاي ھەربىي پاراخوتى كاپىتانىنىڭ خاھىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم مەتتىس بىلەن خىتاي ھەربىي ئەمەلدارى ۋېي فېڭخېنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇچرىشىشى ۋېي فېڭخېنىڭ ئۇچرىشىشقا كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى سەۋەبلىك ئەمەلدىن قالغان ئىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو كېيىنكى دۈشەنبە كۈنى خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇچرىشىشنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خەلقئارالىق ۋە يەرلىك مەسىلىلەر مۇزكىرە قىلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان، بىراق تەپسىلاتى ئەسكەرتىلمىگەن.