ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەپتە باج ئېلىنىدىغان خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ترامپ ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىشىغا قارشى جازالاش تەدبىرى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ 60 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا باج قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى جۈمە كۈنگىچە خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدىكەن. خەۋەردە، «يۇقىرى تېخنىكىلىق» ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى، بۇنىڭ نىشانى خىتاينىڭ 2025-يىلغىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى پۈتۈنلەي خىتايدا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جازالاش تەدبىرىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاشتەك «بىنورمال ئىقتىسادى» قىلمىشىغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى.
ئامېرىكا سودا دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئامېرىكا كارخانىلىرىنى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ ئىش قىلىش، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قىستاش، دۆلەتنىڭ پۇلى بىلەن ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىش، تېخنىكا ئوغرىلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئامېرىكا ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلاپ كەلگەن. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى تېخنىكا ئۆتۈپ بېرىشكە قىستىغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا باج قويسا، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ مېۋە، مېغىز، چوشقا گۆشى قاتارلىق 128 خىل مەھسۇلاتىغا 25% باج قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. كۆزەتكۈچىلەر، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرىكىتى سودىدىكى جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە.