ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 26-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ «پات ئارىدا» ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم سودا سۆھبىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدۇر.
ببچ نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ خىتاي تەرەپنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئۆزلىرىگە تېلېفون قىلىپ، سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ «سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاي ئىمپورت توۋارلىرىنىڭ توموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ 75 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا مەھسۇلاتغا باج قويغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ، نۆۋەتتە 250 مىليارد دوللارلىق خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتىغا قويۇلغان 25% تاموژنا بېجىنى 30% گە، 300 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتقا قويۇلغان 10% باجنى 15% گە چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
پرېزىدېنت ترامپنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ ئۇلارغا يەكشەنبە كۈنى ئىككى قېتىم تېلېفون قىلىپ، «كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې چوڭچىڭدىكى بىر خەلقئارا يىغىندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقى، توقۇنۇشنى كۈچەيتىشكە قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.
پرېزىدېنت ترامپ دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ ئۇنىڭ بېسىمى «خىتاينى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كەلدى؟، دەپ قارامسىز؟»، دېگەن سوئالىغا خىتاينىڭ: «ناھايىتى قاتتىق زەربە يېگەنلىكى» نى تەكىتلەپ، «بىز پات ئارىدا سۆھبەت باشلايمىز. . . . . . لېكىن مەن كېلىشىم ھاسىل قىلىمىز، دەپ ئويلايمەن» دېگەن. پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. نۆۋەتتە، پرېزىدېنت ترامپ خىتاينى ئۆزىنىڭ سودا قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قىستىماسلىققا ۋە ئامېرىكا ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلاشنى توختىتىشقا چاقىرماقتىكەن.