يېقىندا «بۈگۈنكى ئامېرىكا» (USA Today) تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئامېرىكادا ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناش نەتىجىسى مۇھاكىمە قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئاسىيادىن كەلگەن ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى ياخشى كۆرۈش نىسبىتىدە خىتاي ئەڭ تۆۋەن چىققان، ئاز نىسبەتتىكى ئامېرىكالىق خىتايلارلا خىتاينى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ راي سىناش 2022-يىل 7-ئايدىن 2023-يىل 1-ئايغىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خىتاي، ھىندىستان، ياپونىيە، كورېيە، فىلىپپىن، تەيۋەن، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردىن كۆچمەن بولغان ئاسىيالىق ئامېرىكالىقتىن 7000 ئادەم راي سىناشقا قاتناشقان. راي سىناش نەتىجىسىدە، خىتايلار بىلەن ۋىيېتناملىقلاردىن بولغان ئامېرىكالىقلار باشقا دۆلەتلەرنى ئۆز دۆلىتىدىن ياخشى دەپ قارىغان. ئامېرىكالىق خىتايلار ئىچىدە تەيۋەننى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ياخشى دەپ قارايدىغانلار كۆپرەك بولغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، راي سىناش نەتىجىسىنىڭ بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئامېرىكادىكى ئاسىيالىق كۆچمەنلەرنىڭ 60 پىرسەنتى چەت ئەلدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك مۇستەبىت ھاكىمىيەتتىن قېچىشتەك تارىخى بار ئىكەن. خىتايلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ۋە «تيەنئەنمېىن قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇلۇمدىن قېچىپ چىققانلار بولۇپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خوڭكوڭدىكى باستۇرۇش، كوۋىد مەزگىلىدىكى قامال سىياسىتى قاتارلىقلارمۇ ئۇلاردا ئۈمىدسىزلىك ۋە نەپرەت پەيدا قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكالىقلار ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتىمۇ، ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن سەلبىي كۆز قاراشتا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.
