ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرى باش ئەلچىسى سام بروۋېنبەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلار، كاتولىكلەر، بۇددىست تىبەتلەر ۋە باشقا دىنىي گۇرۇھلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىغا قاراتقان تەنقىدىدە داۋاملىق چىڭ تۇردى.
بروۋېنبەك 8-مارت كۈنى خوڭكوڭ چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، بۇ ئورۇنلار «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
سام بروۋېنبەكنىڭ سۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، سام بروۋېنبەكنىڭ سۆزلىرىنى «يامان غەرەزلىك ھۇجۇم»، «خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىگە بوھتان چاپلىغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
لېكىن، سام بوۋېنبەك 11-يانۋار كۈنى تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ يىغىنى ئارىسىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ قولىدا خىتايدا دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك غايىب بولغان ۋە جازالانغان يۈزلىگەن كىشىنىڭ تىزىملىكى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بروۋېنبەك «بۇ كىشىلەر قەيەردە، ئۇلارغا نېمە بولدى؟ ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى نېمىشقا ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئالالمايدۇ؟» دەپ سوئال قويغان. ئۇ يەنە يېقىنقى 2 يىل مابەينىدە خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە شەخسلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلىشقا قارشى تۇرۇشقا ئۈندىگەن.
مەزكۇر يىغىندا يەنە تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن نۇتۇق سۆزلىگەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، سەي يىڭۋېن «تەيۋەن بىرى سىزنىڭ ھوقۇقىڭىزنى تارتىۋېلىشقا، كىملىكىڭىزنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، تۇرمۇش ئەنئەنىڭىزگە خىرىس قىلسا قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ» دېگەن.
