ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرى ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە جىددىي ئارىلىشىشقا چاقىردى

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدىكى ماركو رۇبىيۇ، بوب مەنەندەز قاتارلىق 24 نەپەر يۇقۇرى پالاتا ۋە 19 نەپەر تۆۋەن پالاتا ئەزاسى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپىيو، مالىيە مىنىستېرى ستېۋ منۇچىن ۋە سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسلارغا مەكتۇب يوللاپ، ئۇيغۇر رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىدا جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازالاشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى.

مەكتۇبتا مۇئاۋىن پرېزدېنت مايك پەنسنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە خىتايغا قاراتقان يېقىنقى قاتتىق تەنقىدلىرى ئالقىشلىنىش بىلەن بىرلىكتە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە پەقەتلا خىتاينى تەقىدلەپ قويۇشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقى، ئەمەلىي ھەركەت قوللىنىشنىڭ لازىملىقى تەكىتلەندى.

دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۇ مەكتۇبىدا يەنە ھۆكۈمەتتىن ئامېرىكا شىركەتلىرى ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان ۋە ياكى خىتاينىڭ شۇ خىل ھەركەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان «داخۇاڭ» قاتارلىق شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ چىقىشنىمۇ قايتدىن تەلەپ قىلدى.

مەكتۇبنىڭ ئاخىرىدا مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لاۋرو ستوننىڭ بۇلتۇر 12‏-ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە قىلىۋاتقان ئىشلىرى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرى ئەسلىتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە ئىشلەنگەن بارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات بېرىشى تەلەپ قىلىندى. تەلەپلەرنىڭ بىرىدە ئامېرىكا ۋەتەندىشى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئامېرىكانىڭ يېشىل كارتىسىنى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى تۇغقانلىرى، جۈملىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ لاگېردىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ھەققىدە ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرغىچە نېمىلەرنى قىلغانلىقى ۋە قانداق جاۋابقا ئېرىشكەنلىكى سورالدى.