نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى: «خىتاي پۈتكۈل بىر شەھەرنى تۈرمىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن»

بۈگۈن ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە مەزكۇر گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەردىكى نەق زىيارىتى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بىر سۈرەتلىك خەۋەر ئېلان قىلىندى.

«خىتاي پۈتكۈل بىر شەھەرنى تۈرمىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن» ناملىق بۇ سۈرەتلىك خەۋەردە نەق مەيداندىن تارتىلغان فوتو سۈرەتلەر ۋە قىسقا سىن كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان نۆۋەتتىكى ئېغىر زۇلۇملار يورۇتۇپ بېرىلگەن.

مۇخبىر بايانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا لاگېرلارنى تەسىس قىلىپ، مىليونلارچە ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قامىغانلىقى، ئەمما لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. خەۋەردىكى كۆرۈنۈشلەردە كوچا-كويلار، ئاشخانا ۋە ھەتتا مەسچىتلەرگە ئېسىلغان ساناقسىز كامېرالار، ھېسابسىز ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇرلارنى يوللاردا توختىتىپ سوراق قىلىۋاتقان، تېلېفونىنى تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن.

سۈرەتلىك خەۋەردە يەنە قەشقەردە 2016-يىلى گۇگۇل خەرىتىسىدىن قۇپقۇرۇق تۇرغان بىر پارچە يەردە ھازىر تەخمىنەن 20 مىڭ ئادەم پاتىدىغان لاگېر قۇرۇلغانلىقىنى، تۇتقۇنلارنىڭ قارانچۇقسىز قالغان بالىلىرىنىڭ يېتىمخانىلارغا يىغىۋېلىنىدىغانلىقى، قەشقەردىكى پەقەت بىرلا دېرىلئىتامغا ئۆتكەن يىلى 7000 بالا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.

خەۋەردە يەنە مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ داۋاملىق سوراق قىلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، بىر بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە «قۇرئان» سۈرىلىرىنى ئۆگەتكەنلىكىنى مۇئەللىمىگە ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن ئۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەتىسىلا غايىب بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

مۇخبىر خەۋىرىنىڭ ئاخىرىدا مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئېغىز سۆز، ئۆچ-ئاداۋىتى بار قولۇم-قوشنا ياكى قورقۇپ كەتكەن بىر بالىنىڭ سۆزى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىنىڭ داۋاملىق تەقىب قىلىشىغا ياكى لاگېرغا قامىلىشقا مەھكۇم بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارنى يورۇتۇپ بەرگەن.