ئامېرىكا تەكشۈرۈش ئورگىنى تورى 6-ئاپرېل ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكادىكى دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋەكىللىرى مەيلى قانچىلىك ئىقتىسادىي زىيان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم قىلىشقا قوشۇلغان.
مەزكۇر تەكشۈرۈش ئورگىنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ھەر قانداق ئىقتىسادىي بەدەلگە قارىماي خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى قوللايدىغان ئامېرىكالىقلار 70 پىرسەنتنى، جۇمھۇرىيەتچىلەر 72 پىرسەنتنى، دېموكراتلار 69 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، 84 پرسەنت ئامېرىكالىق خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى ئامېرىكا ئۈچۈن چاتاق مەسىلە دەپ قارايدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 50 پىرسەنت كىشى بۇ ناھايىتى ئېغىر مەسىلە دەپ قارايدىكەن. بەشتىن بىر قىسىم ئامېرىكالقلار خىتاي دېگەن ھامان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 3 پىرسەنت ئادەم ئۇيغۇرلار، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تىلغا ئالىدىكەن.
