ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە بايانات ئېلان قىلدى

5-ئىيۇل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋرېن ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب سىستېمىسى ۋە جازا لاگېرلىرى ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىنىش ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.

ماركو رۇبىيو ۋە جېيمىس مەكگوۋرېن باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئەڭ قەبىھ شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان بىر باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇلار يەنە ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان بۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلار ئۈچۈن جازا قوللىنىش ھەققىدىكى تەكلىپىنىڭ ئىنكاسسىز قالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن.

باياناتتا يەنە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» قىسقىغىنە تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى لازىملىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە چوقۇم ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق قىلىنغان.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.