21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش باياناتى ئېلان قىلدى
2017.02.21
21-فېۋرالدىكى17-نۆۋەتلىك «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور بېكىتىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خەۋپ ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000-يىللاردىن كېيىنكى ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇر ئانا تىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئانا تىل مائارىپىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋە ھۆججەتلىرىدە ئىشلىتىلىشى بارغانچە ئازىيىپ، ھەتتا يەسلىلەردىمۇ خىتايچە مائارىپ ئومۇملاشقان ۋەزىيەتنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر تىلى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. باياناتتا يەنە، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ خەۋپكە ئۇچراش ۋەزىيىتىگە جىددىي دىققەت قىلىشىنى ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئانا تىلىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى 2000-يىلى 21-فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ ھەر يىلى بۇ كۈننىڭ دۇنيا ئانا تىل كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، يوقاپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.
2007-يىلى 16-ماي كۈنى ب د ت دا ئېچىلغان ئانا تىلنى قوغداش يىغىنىدا يەنە، ب د ت غا ئەزا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن ئۆز دۆلىتىدىكى ئاز سانلىقلارنىڭ تىلىنى قوغداش تەدبىرلىرى ئېلىش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.