ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە ئالىي سوتى تۆۋەن سوتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دېلوسىنى قوبۇل قىلماسلىق قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.07.12

ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار فېدېراتسىيە ئالىي سوتى 11-ئىيۇل قارار چىقىرىپ، بۇئېنۇس-ئايرېس ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دېلوسى ئۈستىدىن سوت ئاچماسلىق قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ئالىي سوتى، بۇئېنۇس-ئايرېس ئەرزىيەت مەھكىمىسىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلار» ئارگېنتىنا سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان ئەرزىدە تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئەرزنى ئارخىپتا ساقلاشنى قارار قىلىشى خاتالىق، دەپ ھۆكۈم چىقارغان، شۇنداقلا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ دەرھال تەكشۈرۈش باشلىشىنى بۇيرۇغان. بۇ، ئەنگلىيە يۇقىرى سوتىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرمەسلىكنى قانۇنسىزلىق، دەپ قارار قىلىشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر ئۇتۇقى، دەپ قارالماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلار» تەشكىلاتى 2022-يىلى 8-ئايدا ئارگېنتىنا ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئۇنىۋېرسال جىنايى جاۋابكارلىققا ئائىت 118-ماددىسىغا ئاساسەن ئارگېنتىنا سوتىغا ئەرز سۇنغان.

ھالبۇكى، بۇئېنۇس-ئايرېس ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى 2023-يىلى 12-ئايدا تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بۇ دېلو ئۈستىدىن سوت ئاچماسلىق، ئەرزنى ئارخىپتا ساقلاش پىكرىنى ئورۇنلۇق، دەپ ھۆكۈم چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلار» تەشكىلاتى سوتنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغان. ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار فېدېراتسىيە ئالىي سوتى 11-ئىيۇل چىقارغان قارارىدا، بۇئېنۇس-ئايرېس ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 12-ئىيۇل ئېلان قىلغان باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار فېدېراتسىيە ئالىي سوتىنىڭ قارارى بىلەن سوتچى دېلونى قايتا ئېچىش ۋە تەكشۈرۈش باشلاش مەجبۇرىيىتىدە قالىدىكەن. باياناتتا، «بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەرنى سىستېمىلىق باستۇرۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ھازىر خىتاي دۆلەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆز خەلقىگە قارىتا سادىر قىلىۋاتقان خەلقئارالىق جىنايەتتە، ئادالەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېقىنلاشقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر پەيت» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.