خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشلاردىن «مول-ھوسۇل» ئالغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالغان
2023.03.24
2017-يىلدىن بۇيان نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» دېگەن سىياسىي تەشۋىقاتنى ئاتالمىش «ئارخېئوگىيەلىك دەلىللەر» ئارقىلىق ئىسپتلاشقا كىرىشكەن خىتاي دائىلىرىلىرى، يېقىنقى بەش يىللىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا «زور مول-ھوسۇل» غا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورۇندىكى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا «خىتاي ئارخېئولوگىيەسى شىنجاڭ تۈرى» ناملىق خىتاينىڭ 1949-يىلدىن بۇيانقى زور كۆلەملىك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ھەركىتىنى باشلىغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر يېقىنقى 5 يىلدا ئۇيغۇر رايونىدا 73 ئاكتىپ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرى ۋە 75 ئارخېئولوگىيەلىك ئۇل قۇرۇلۇش تۈرى ئېلىپ بارغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن، بۇ ئارخېئولوگىيەلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر پارچىسى» دېگەننى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلغانلىقى مەلۇم بولغان. دائىرىلەر بىر تەرەپتىن رايوندىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا «زور مول-ھوسۇل» غا ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن يېقىنقى بۇ بەش يىلدا ئۇيغۇر رايوننىڭ ھەر قايسىي مۇزېيلىرىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغۇن مۇستەقىل خانلىقلىرىغا ئائىت ئارخېئولوگىيەلىك دەلىللەر مۇزىيلاردىن غايىپ بولماقتىكەن ياكى ئۇنىڭغا قايتا چۈشەنچە بېرىلمەكتىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى 73 ئاكتىپ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى 8 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرگە تارقالغان بولۇپ، بۇ جىمىنەي، نىلقا، لوپنۇر، گۇچۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى خارابىلىق ۋە ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ھەتتا تارىخشۇناسلار ۋە ئارخېئولوگلار ئارىسىدا كۈچلۈك تالاش-تارتىشلارنىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىغا قارىماي، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2022-يىلى ھازىرقى گۇچۇڭدىكى قەدىمىي خارابىلىقنى «تاڭ خاندانلىقىنىڭ خارابىلىقى» دەپ ئېلان قىلغان، بۇنى 2022-يىلى خىتاي ئارخېئولوگىيەسىدىكى «10 چوڭ بايقاشنىڭ بىرى» دەپ جاكارلىغان.