«ئاسىيا جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۆت سوئالى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.10.30

نيۇيورك شەھىرىدىكى «ئاسىيا جەمئىيىتى» نىڭ تورىدا مەزكۇر جەمئىيەت خادىمى مات شياۋېنزا ئىمزاسىدا 29-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تۆت چوڭ سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتور بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە بۇ ھالنى «دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» دەپ ئاتايدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىر مىليون كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە غايەت زور نازارەت سىستېمىسىنىڭ بەرپا بولۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئىككى يىلىدىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئالدى بىلەن «خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى تېزلەشتۈرىدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1950-يىللاردا خىتايلار نوپۇسى ھېچقانچە نىسبەتنى ئىگىلىمەيدىغان ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر ئاللىقاچان 40 پىرسەنتكە يەتكەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ھەربىي جەھەتلەردە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقنى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى چېن چۇئەنگونىڭ قوماندانلىقىدا بىردىنلا تېز ئورۇنلىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان لاگېرلار ئوتتۇرىغا چىققان.

ئاپتورنىڭ ئىككىنچى سوئالى لاگېرلارنىڭ شارائىتى ۋە مەھبۇسلارنىڭ قانداق قىيناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئالاقىدار شاھىتلار ۋە ئۇچۇرلارنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق «لاگېرلار مەكتەپلەرگە ئوخشاش دەرس ئۆتۈلىدىغان، ھەربىيچە شەكىلدە باشقۇرۇلىدىغان، تۈرمىگە ئوخشاش نازارەت قىلىنىدىغان جاي» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

ئاپتور ئۈچىنچى سوئال تەرىقىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھاياتىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭدا لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرى ياكى ئۆيلىرىدە شۇ كىشىنى 24 سائەت پايلايدىغان «جاسۇس» لۇق ۋاسىتىلىرىنىڭ تەييار ئىكەنلىكى، ھېچكىمنىڭمۇ قېچىپ كېتىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقى، ھەممىلا كىشىنىڭ دەككە-دۈككە ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. 

ئاخىرىدا ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى خىتايلارغا ئوخشاش قىلىۋېتىش» دەپ خۇلاسە چىقارغان، شۇنىڭدەك يەنە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك ئىشلارغا مەجبۇرلىشىنىڭ تېخىمۇ زور مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا بۇ خىل مۇقىمسىزلىقنى باھانە قىلىپ تېخىمۇ قاتتىق بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.