شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر بىرلىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلدى

10-يانۋار كۈنى «بۈگۈنكى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى» ناملىق تور ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ئولىۋېر ۋارد تەرىپىدىن مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر پارچە كەڭ كۆلەملىك ماقالە ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبىرتس، ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئانتروپولوگىيە تەتقىقاتچىسى دەررىن بايلىر قاتارلىقلار زىيارەت قىلىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە بۇندىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە تا يېقىنغىچە ئۆز چېگرالىرىغا قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تايلاند، مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 2018-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق بىر ئامال بىلەن خىتايدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن بولمىغان بىر شارائىتتا بۇنىڭ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى بايان قىلغان. شۇڭا ئۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەمدى دىپلوماتىك كوزۇرلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ جان تومۇرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى قوللىنىشى كېرەك ئىكەن. خىتاي بۇ دۆلەتلەرگە مەبلەغ سالغاندىلا ئاندىن كۆزلىگەن يېڭى بازارلىرىغا ئېرىشەلەيدىغان بولغاچقا مالايشىياغا ئوخشاش خىتاينىڭ مەبلىغىدىن خاۋاتىرلىنىپ تۇرغان دۆلەتلەر ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىنى خىتاي مەبلىغىگە شەرت قىلىپ قوشسا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىكەن.

ئاپتور شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىمۇ ئورتاق ئاۋاز چىقىرىپ، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن يول ئېچىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.