ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كېۋىن ماككارتىي ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىردى

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇش ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى مۇئاۋىن رەئىسى كېۋىن ماككارتىي خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى جازالاش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى سۇنغان.

16-ئىيۇن كۈنى كېۋىن ماككارتىي بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى سىر ئەمەس، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك سالىدىغانلىقىمۇ سىر ئەمەس. ئامېرىكالىقلار ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇل ئەمگىكىگە كۆز يۇمسا بولمايدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ھېچقانداق ئامېرىكا شىركىتى خىتايدا ياكى باشقا جايلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە تايىنىدىغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلەرگە چېتىلىپ قالماسلىقى كېرەك، بىز جۇمھۇرىيەتچىلەر نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق سىنىقىدىن ئۆتەلمىگەن بۇ شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بۇ لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.»

كېۋىن ماككارتىي يەنە ئامېرىكانىڭ خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياقلاشتۇرۇش، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.