ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) 6-سېنتەبىردە ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى بىرنەچچە باتارېيە قۇرۇلۇشى ئىشلىتىۋاتقان ماتېرىياللار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ چىققان.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى نەچچە مىليارد دوللار سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئىشلەۋاتقان «چوڭ باتارېيە» (BESS) قۇرۇلۇشى شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە ھىدرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئامباردا ساقلاش شەكلىدە ساقلاشنى نىشان قىلغان. ئەمما مەزكۇر قۇرۇلۇشقا كېرەكلىك باتارېيە ماتېرىياللىرىنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى شىركەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغانلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار بولۇپ چىقىشى ئۇلارنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان.
دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا مىقياسىدىكى باتارېيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، خىتاي ئىشلەپچىقارغان باتارېيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ خام ئەشياسى ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىلىدىكەن. ئاۋسترالىيەدىكى «چوڭ باتارېيە» قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىۋاتقان باتارېيە مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلىگۈچى ئىككى ئاساسلىق شىركەت بولسا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلانغان شىركەتلەر ئىكەن.
دوكلاتتا مۇشۇ ئەھۋاللار بايان قىلىنىپ، «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق قانۇن-مىزانلىرى ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلىدۇ. شۇڭا ئاۋسترالىيەنىڭ مۇھىتنى ئاسراش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھېچقانداق يوچۇق قالدۇرۇلماسلىقى لازىم» دەپ خۇلاسىلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، غەرب ھۆكۈمەتلىرى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆز بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەندىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرى تۈرلۈك يېڭى نەيرەڭلەرنى «ئىجاد» قىلغان. بۇلارنىڭ بىرى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئوخشىمىغان ناملاردا ئېكسپورت قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىنى يوشۇرۇپ قېلىش بولغان.