ئاۋسترالىيە تارىخچىسىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كىتابى نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.10.22

ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مۇھىم كىتاب ئامېرىكىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئاۋسترالىيە سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى لېكتورى داۋىد بروفىي تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇر مىللىتى: رۇسىيە-خىتاي چېگراسىدىكى قايتا شەكىللىنىش ۋە ئىنقىلاب» ناملىق كىتاب يېقىندا ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان بولۇپ، كىتاب ئامازون تورىدا ئالدىن زاكاز قىلىشقا سۇنۇلغان.

كىتابنىڭ ئاپتورى داۋىد بروفىي چارشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ مەزكۇر يېڭى كىتابى مۇناسىۋىتى بىلەن نيۇيوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى بىناسىدا لېكسىيە بەرگەن. ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇ كىتابىدا 19-ئەسىردىكى رۇسىيە-چىڭ خانىدانلىقى مۇناسىۋەتلىرى، ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەم شۇنداقلا بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى قاتارلىقلارنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان بولۇپ، چارشەنبە كۈنىدىكى لېكسىيىدە مۇشۇ تېمىلار بويىچە مۇنازىرىلەر بولغان.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشمۇ تەبىئىي ھالدا ئارتماقتا. تېخى يېقىندا ئامېرىكىلىق تارىخچى رايىن تۇم «ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇلۇغلۇق مۇساپىلىرى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلغان، ئۇنىڭ بۇ كىتابى ئامېرىكا تارىخ جەمئىيىتىنىڭ 2015-يىللىق ئالىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.