ئاۋسترالىيەلىك ژۇرنالىست ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

ئاۋسترالىيەنىڭ «خەۋەرلەر» تورىدا 5-ئاپرېل بىر ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دەپ ئېلان قىلمىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان. «بېيجىڭنىڭ ۋەھشىيلىكىنىڭ ئىچكى يۈزى: ئامېرىكا خىتاي جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، بىراق ئاۋسترالىيە ئۇنداق دېمەيدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئاۋسترالىيەلىك ژۇرنالىست شەنون مولېي ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ جازا لاگېرلىرىدىكى ساغلام «مەھبۇسلار» نىڭ ئۇچرىغان مۇئامىلىسىدىن دۇنيانىڭ ئويغىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان مۇئامىلىنى ئېنىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلىشى ئاۋسترالىيەنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. ماقالىدە، تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى ساغلام مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئېلىنىپ، قاراڭغۇ بازاردا سېتىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا خۇشال ئۆلۈش پۇرسىتى بېرىلىدىغانلىقى، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىق، قىيىن-قىستاققا ئۇچرايدىغانلىقى، نوپۇسنى يوقىتىش ئۈچۈن يۈز مىڭلىغان ئايالنىڭ تۇغماس قىلىنىپ، ھامىلىدار بولۇشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى، بىر يېرىم مىليوندەك كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە يەنە، بىراق خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇستەقىل دوكلاتلارنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «رادىكال تېررورچىلار» نى «قايتا-تەربىيەلەش» دەپ كېلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى 4 نەپەر خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارىنى جازلاپ، ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتقانلىقى، ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېلاندىيە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ جازا تەدبىرلىرىنى قوللىغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلمىغانلىقىى تەنقىدلەنگەن.