خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا سىياسەتلىرىگە ئائىت 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن دۇنيا ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە يېڭى بىر مەيدان مۇنازىرە قوزغىدى.
ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىت ۋە ھەم بۇ ھۆججەتنى ئاشكارىلىغان «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ۋە شۇنداقلا يەنە «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» قاتارلىقلار تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇردى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى «1984 خىتايدا» دەپ ماۋزۇ قويغان ماقالىسىدە يازغۇچى جورج ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق كىتابىدا يېزىلغانلارنىڭ بۈگۈن خىتايدا يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمەلىيەتكە ئايلانغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
ئۇلار ماقالىسىدە، ھۆججەتتىكى «قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك كىم بولسا قولغا ئېلىنسۇن» دېگەن سۆزگە ئالاھىدە دىققەت تارتىپ تۇرۇپ، مانا بۇ يوليورۇققا بىنائەن ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى تەھرىرات ھەيئىتى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھۆججەتتە دېيىلگەنلىرىنىڭ قانداقتۇر «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەدبىرى بولماستىن، بەلكى ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان گۇمانخورلۇق ۋە قورقۇنچاقلىقى نەتىجىسىدە ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىدىن تارتىپ پىكرىگىچە كونترول قىلىشتىن ئىبارەت ئارزۇسىدىن كېلىپ چىققان نەتىجە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ماقالىسى ئاخىرىدا، مانا بۇ ھۆججەتنىڭ دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر ئويغىنىش سېگنالى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان.
«ۋال سىترىت ژۇرنىلى» مۇ 18-نويابىر كۈنى «بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى مەخپىيىتى» ماۋزۇلۇق تەھرىرات ماقالىسىدە، ئاشكارىلانغان بۇ ھۆججەتنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىيال بولغانلىقىنى، ئەمدى خەلقئارا جامائەتنىڭ ئورتاق بىر ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ زۆرۈر بولغانلىقى تەكىتلەنگەن. «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» تەھرىرات ھەيئىتى ماقالىسىدە «ھازىرغىچە غەرب دۆلەتلىرى ئاساسەن سۈكۈتتە تۇردى. مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بولسا ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر. ياخشى بىر باشلىنىش قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى خىتاي قاتنىشىدىغان بارلىق خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئوچۇق تىلغا ئېلىنىدىغان مۇھىم تېما قىلىنىشى كېرەك. خىتاي ئىقتىساد ۋە تىجارەتتە ئۆزىگە قاراشلىق دۆلەتلەرنى تەھدىت قىلىپ جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بىراق بۇ غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈن، دۇنيا بانكىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۈچۈن باھانە بولالمايدۇ. مۇسۇلمان رەھبەرلەرمۇ چوقۇم سۈكۈت قىلغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى بايان قىلغان ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم خىتاي مۇئەسسەسىلىرىگە جازا قويغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماي، يەنىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرغان.