22-ئۆكتەبىر توقسۇن ناھىيىسىدە باشلانغان تۇنجى قېتىملىق «بازار سەيلىسى ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى» پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش نامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېڭىۋاشتىن يولغا قويۇۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتايدىكى «خەلق تورى» نىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، توقسۇندىكى ئۇيغۇر ئامما خىتايلارنىڭ ياڭگېر ئۇسسۇلىنى ئوينىغان، خىتاي كۆچمەنلىرى بولسا ئۇيغۇرچە كىيىنگەن ھەمدە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ماھارىتىنى كۆرسەتكەن. بۇ جەرياندا يەرلىك ئاممىنىڭ خىتايچە ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق «بارچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتەيلى» دېگەن شوئارغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھالنى «ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىكى ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى» دەپ قارىماقتا.
