BBC ئاگېنتلىقى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر بالىلار ھەققىدىكى ۋەدىسىدە تۇرالمىدى»

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ بىر مۇھىم سەلبىي ئاقىۋىتى بولغان ئائىلىلەر جۇدالىقى ۋە پەرزەنتلەرنىڭ سەرسانلىقى ئىزچىل غەرب دۇنياسىدىكى ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلگەن ئىدى. 2019- ۋە 2020-يىللىرىدىكى تېلېۋىزىيە زىيارەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ «مىڭلىغان ئۇيغۇر سەبىيلىرى ئاتا-ئانىلىرى ‹قايتا تەربىيەلەش› كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكتىن سەرسانلىققا مەھكۇم بولغان» دېگەن خەۋەرنى كەسكىن رەت قىلغان. شۇنىڭدەك مۇخبىرغا سوئال قويۇپ: «ئەگەر سىز ئاشۇنداق ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلىسىڭىز، مەن سىزگە ئاشۇلارنىڭ ھازىر نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ بېرىمەن،» دېگەن ئىدى.

BBC ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن مۇخبىرلار ئۆزلىرى زىيارەت قىلغان شاھىدلار تەمىن ئەتكەن ئۇچۇرلار ئاساسىدا 14 گۆدەكنىڭ تولۇق ئىسىم-فامىلىسى ۋە باشقا مەلۇماتلىرىنى خىتاي باش ئەلچىسىگە ۋە ئۈرۈمچىدىكى تاشقىي ئىشلار ئىشخانىسىغا يوللاپ بەرگەن. ئەمما ھازىرغىچە ئۇلاردىن جاۋاپ كەلمىگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي BBC ئاگېنتلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى «ساختا خەۋەر ياساپ چىققان» دەپ ئەيىبلەشكە ئۆتكەن ھەمدە غايىپ بالىلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىنكار قىلغان. خىتاي باش ئەلچىمۇ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇپ خىتايغا قايتقان.

BBC ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ خىل قىسمەتلەرنىڭ شاھىدلىرىدىن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن قەلبىنۇرنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان. 2016-يىلى چېگرادىن چىقىش ئالدىدا ھامىلدار ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇ قورسىقىنى تېڭىپ، قاتتىق ئاغرىققا چىدىغان ھالدا تۈركىيەگە چىققان. ئەمما شۇنىڭدىن بۇيان ۋەتەندە قالغان ئالتە بالىسى ۋە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئېرىنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرىنى ئالالمىغان. كېيىنچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بىر قىسقا فىلىمدە قىزى ئايشەنى كۆرگەن. فىلىمدە ئايشە ئۆيىدىن 500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر يىتىم بالىلار مەكتىپىدە باشقا بالىلار بىلەن ئويناۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «قىزىمنىڭ ھاياتلىقىنى بىلىپ خوشال بولدۇم. شۇنداقلا قايتىپ بارغان ھالەتتىمۇ ئۇنى تاپالمايدىغانلىقىمنى ئويلاپ بەكمۇ قورقتۇم» دېگەن.

مۇخبىرلار قەلبىنۇرغا ئوخشاپ كېتىدىغان قىسمەتنى باشتىن كەچۈرگەن نەچچە ئون ئايالنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا مىڭلىغان ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ ئاشۇ تەرىقىدە غايىپ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چققان. شۇ سەۋەبتىن خەۋەردە ئېنىق قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە يەنە بىر قېتىم يالغانچىلىق قىلدى» دەپ خۇلاسە چىقارغان.