ئامېرىكانىڭ جەنۋەدىكى باش ئەلچىسى مىشېل باچېلېتنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىشېل تەيلور، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

مىشېل تەيلور تۋىتتېردا يوللىغان چاقىرىقىدا مۇنداق دىگەن: «مەن مىشېل باچېلېتنى ئۇنىڭ ئاشكارا ۋە خۇسۇسىي رەۋىشتە، جۈملىدىن شەخسەن ماڭىمۇ بەرگەن ۋەدىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن شىنجاڭ توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا چاقىرىمەن.» ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «دۇنيانىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ مۇستەقىل ۋە راسچىل شەكىلدە ئەكس-ئەتتۈرۈلىشىنى بىلىش ھەققى بار.»

مىشېل تەيلورنىڭ چاقىرىقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ 25-ئاۋغۇست جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى «ئېلان قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى» نى ئېيتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ سۆزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا باچېلېتنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشتا «خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىق تەسىراتى» نى پەيدا قىلغان. يىغىندا باچېلېت ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان، ئەمما مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندا يۇقىرىقى ئىپادىلەردە بولغان.

ئامېرىكا «سىملىق خەۋەرلەر تورى» (CNN) نىڭ ئېيتىشىچە، مىشېل باچېلېت مۇخبىرلارغا يەنە ئۆزىنىڭ بۇ دوكلاتنى «ئېلان قىلماسلىق بېسىمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ: «لېكىن مەن ھەرقانداق دوكلاتنى بېسىم ئاستىدا ئېلان قىلمايمەن ياكى يوشۇرمايمەن» دېگەن.

بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئاۋۋال چەت ئەل تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىغا دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىق توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت نىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» نى ئېلان قىلىش-قىلماسلىق ھالقىلىق بىر پەيتتە تۇرغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئۈرۈمچىدە زېمبابۇۋى، سىرالىئون، كامېرون، ئېرىتېرىيە، سومالى، لىسساتو، كوتېدىۋا، گامبىيە ئىراق، لائۇس قاتارلىق ئەللەرنى ئاساس قىلغان 10 دەك دۆلەتنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى كۈتىۋالغان.