ياۋروپا ئىتتىپاقى ب د ت دا خىتاينى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر رايونىدا شەرتسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شەرتسىز ۋە توسقۇنلۇقسىز تەكشۈرۈش ئېلىش بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان.

يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە كرىزىس ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى كرىستوس ستايلىئانېدىس ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تاشقى ئىشلار كومىسسارى فېدىرىكا موگەرىنىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا يۇقىرىقى چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ؛ «بىز خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ھەقىقىي رەۋىشتە يول قويۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40‏-نۆۋەتلىك يىغىنى 25‏-فېۋرال كۈنى باشلانغان.

يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ، خىتاينى «بىگۇناھ خەلق بىلەن تېررورچىلارنى پەرقلەندۈرۈش» كە ئۈندىگەن ئىدى.

كرىستوس ستايلىئانېدىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا 4 خىل تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. ئۇ يىغىندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ب د ت نىڭ ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالەتلىك قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن دۆلەتلەردە شەرتسىز ۋە توسقۇنلۇقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى مەزكۇر چاقىرىقنى خىتاي ھۆكۈمىتى مىسىر، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، باڭلادىش، رۇسىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىنى، ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى ۋە رادىكال سولچى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى پەردازلىماقتا ئىكەن.