ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ زور دىققىتىنى قوزغاۋاتقاندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى مىشېل باشىلېت زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولۇپ كېتىشى ۋە تۇتقۇن قىلىنىشىغا دائىر ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مىشېل يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەلەپ سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشى ۋە نەق مەيدان تەكشۈرۈشىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مىشېل شۇ كۈنى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىدە دوكلات بەرگەندىن كېيىن بۇ سۆزلەرنى قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك بارلىق خەلقلەرنىڭ ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا بەرپا قىلىنىشى لازىم» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ب د ت نىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىلىرىنى تەكشۈرگۈچىسى ئەھمەد شاھىدمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىش تەلىپىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق جاۋاب بېرىشى تېخى نامەلۇم ئىكەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي بويۇنتۇرۇقى ئاستىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىدىن ئاتالمىش «ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى» تەشكىللەپ، ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بۇ چەتئەل دىپلوماتلىرى بولسا ئالدىن تەييارلانغان «تەربىيەلەش مەركىزى» دە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن بۇ جايلارنىڭ «ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى» ھەققىدە بەس-بەستە سۆز قىلغان. شۇ قاتاردا ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ئافغانىستان دىيارىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا «ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكى» ئۇيغۇرلار دىيارىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ «ئۇ جايدا تىنچلىق، مۇقىملىق، ئاسايىشلىقنى، شۇنىڭدەك كۆپ مەنبەلىككە تويۇنغان ئىناق جەمئىيەتنى كۆردۇق» دېگەن.