خىتاي، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئالاقىدار تەكلىپلىرىنى رەت قىلغان

خىتاي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە بېرىلگەن تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى رەت قىلغان.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنى ئېچىلغان ئىدى. يىغىن ئاخىرىدا خىتايغا 346 ماددىدىن تەركىب تاپقان بىر تەكلىپ سۇنۇلغان.

خوڭكوڭ ئەركىن ئاخباراتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ 5-مارت كۈنى يۇقىرىدىكى بۇ تەكلىپلەرنىڭ 62 ماددىسىنى رەت قىلغان ۋە بۇ ماددىلارنى «خىتاينىڭ دۆلەت ۋەزىيىتى ۋە قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەس، ئۇ سىياسىي قاراتمىلىققا ئىگە، ساختا» دەپ كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەت قىلغان ماددىلار ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە شۇنداقلا تىبەت رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنى بېسىم سىياسەتلىرى، ئۆلۈم جازاسى، خۇسۇسىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىگە ئائىت ئىكەن.

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېچىلغان «ئۇنىۋېرسال قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 24 دۆلەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن. بۇلار ئىچىدىكى 14 دۆلەت بولسا ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن سۆز ئاچقان. ھالبۇكى، ھېچبىر مۇسۇلمان دۆلىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالمىغاننى ئاز دەپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئاتالمىش نەتىجىلىرىگە ئۇتۇق تىلىگەن ئىدى.