شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.01.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا ھەقلەر دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلىدىن 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىمۇ 11-يانۋار كۈنى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا باش مىنىستىر ئاندېرس يگېمان «بۇنىڭدا بىز باشقا سەۋەبنى كۆزدە تۇتتۇق» دېگەن.

«خوللاند پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باش مىنىستىر ئاندېرس ئۆزلىرىنىڭ بۇ قارارى خاراكتېر جەھەتتە 2021-يىلىدىكى توكيو يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمىغانلىققا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ سىياسىي سەۋەب ئەمەس، ئەكسىچە خىتايدىكى يامراپ كېتىۋاتقان ۋىرۇس تەھدىتى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. سىياسىي سەۋەب ھەققىدىكى سوئاللارغا قارىتا ئۇ «بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ئەمەس. ئەلۋەتتە بىز خىتايدىكى ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت پىكرىمىزنى دىپلوماتىك ۋە سىياسىي قاناللار ئارقىلىق خىتاي تەرەپكە بىلدۈرۈۋاتىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بىر قىسىم دۆلەتلەر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ بىۋاسىتە ھالدا «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىمىز» دەپ جاكارلاشنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بېيجىڭدىكى بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتىكەن. يەنە كېلىپ خىتايدا يېڭىۋاشتىن ئەۋج ئېلىۋاتقان ۋابا يۇقۇمى بۇ جەھەتتە ناھايىتى ياخشى «باھانە» بولماقتىكەن.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ۋىرۇس يۇقۇمى، بولۇپمۇ يېڭىدىن بايقالغان «ئومىكرون» ۋارىيانتىنىڭ تارقىلىشى تېزدىن كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، خېنەن ئۆلكىسىدىكى بەش مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئەنياڭ شەھىرى پۈتۈنلەي قامالغا ئېلىنغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىئەن ۋە يۈجۇ شەھەرلىرى ۋابانىڭ يېڭىۋاشتىن يامرىشى تۈپەيلىدىن قامال قىلىنغانىدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېقىنلاۋاتقاندا ۋابانىڭ يامراپ كېتىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسابىقىنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزەلىشى ئۈچۈن ئېغىر سىناق بولىدۇ، دەپ قارالماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت