ئولىمپىك مېدالىغا ئېرىشكەن ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىسى: «ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن نەپرەتلىنىمىز!»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.20

ئامېرىكانىڭ مۇز ئ‍ۈستىدە فىگور چىقىرىپ تېيىلىش تۈرى بويىچە 3 قېتىم ئولىمپىك ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىسى ئېۋېين بېيتىس، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىپخانلىق قىلىدىغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قورقۇنچلۇق» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېۋېين بېيتىس خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 19-ئ‍ۆكتەبىر گرېتسىيە پايتەختى ئافىنادا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئولىمپىك مەشئىلىنى خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك ھەيئىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، شۇنداقلا بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان كۈنى بۇ سۆزنى قىلغان.

ئامېرىكا NBC قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېۋېين بېيتىس 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قاتنىشىدىغان ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلەر ئەترىتىنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىكقا ساھىپخانلىق قىلىشىغا سۇئال پەيدا قىلغانلىقىغا باھا بېرىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاپ بەرگەن.

ئۇ مۇنداق دىگەن: «بارلىق تەنھەرىكەتچىلەرگە ۋاكالىتەن ئېيتقاندا، مەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ناھايىتى قەبىھ بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمەن.»

بۇ جاۋابنىڭ خىتايغا قارىتىلغان-قارىتىلمىغانلىقى سورالغاندا، ئېۋەين بېيتىس مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ جاۋابىم ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇققا ماس كېلىشى مۇمكىن، ئەگەر سىز خىتايدا مۇسۇلمانلارغا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى سورىسىڭىز، بۇ بەك قورقۇنچلۇق ۋە ۋەھىمىلىك.»

ئېۋېين بېيتىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن نەپرەتلىنىدىكەن. ئ‍ۇ: «مېنىڭ تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن ئۇ يەردە بولۇۋاتقان ئىشلارنى سۆزلىشىمدە مەسىلە يوق. بىزمۇ ئىنسان، بىز ئۇ يەردە بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغىنىمىزدا، ئەلۋەتتە نەپرەتلىنىمىز. بىز ئۇ يەردە بولۇۋاتقان ئىشلاردىن نەپرەتلىنىمىز،» دېگەن.

ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئامېرىكالىق تەنھەركەتچى نەيتىن چېن ۋە ۋىنسېنت جاۋلارمۇ ئ‍ېۋېين بېيتىسنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. NBC نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، ۋىنسېنت جاۋ: «تەنھەرىكەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز يەنىلا ئادىمىيلىكىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. بىز ئېۋېيننىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىدۇق. بىز ئۇنىڭ قارىشىغا قوشۇلىمىز،» دىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.