بېلگىيەنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سامۇئېل كوگولاتى بېلگىيە پارلامېنتىغا «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېلگىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى» سۇنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان يەنە بىر پارلامېنت ئەزاسى ستېفان فون ھېكنىڭمۇ قوشۇمچە ئىمزا قويۇشىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن بېلگىيە پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدا رەسمىي قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلغان تۇنجى پارلامېنت بولۇپ قالغان.
سامۇئېل كوگولاتى ئىلگىرى بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىدىمۇ ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىدى. سامۇئېل كوگولاتى فېيسبۇكتا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا: «بىزنىڭ جازا قانۇنىمىزدا قۇل ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ستېفان فون ھېك بىلەن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىمەن،» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «21-ئەسىردە دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ يەنىلا خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مايكا ياكى كونگو دېموكراىك جۇمھۇرىيىتىدىكى بالا قۇللار قېزىپ چىقارغان كوبالىتلارنى چەكلىمەي ھازىرمۇ ئىمپورت قىلىشى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى بېلگىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانسا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ بېلگىيەگە ئىمپورت قىلغانلار بىر يىلدىن بەش يىلغىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خىتاي بىلەن بېلگىيە بۇ يىل 2-ئايدا قەشقەر بىلەن بېلگىيەنىڭ سودا مەركىزى لېج ئوتتۇرىسىدا ئاۋىئاتسىيە يۈك ترانسپورت يولى ئېچىپ ئارقىدىنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر ئاۋىئاتسىيە يۈك ترانسىپورت يولى خەلقئارا پارلامېنتلار ئارا خىتاي بىرلەشمىسىنىڭ لىنىيەسىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
